باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئىشىنىڭ ھېچقانداق بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى

2017.06.19 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى يېرۇسالېم كونا شەھىرىگە يېقىن يەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ھېچقانداق بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بايقىمىدۇق.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى يەرلىك بىر قانچە پەلەستىنلىك پىلانلىغان.

  ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئىيوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر قانچە پەلەستىنلىك سادىر قىلغان.

  يېرۇسالېم كونا شەھىرى سىرتىدا 16-ئىيۇن كەچتە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئايال ساقچىسى ۋە ئۈچ ھۇجۇم قىلغۇچى قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن «پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» (خاماس) بىردەك بۇ ئىككى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر