خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردا يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى داۋاملاشماقتا. ۋەھالەنكى، تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسى قاراتاغ يايلىقى ياپيېشىل چىملىق، رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى سالقىن بولۇپ، بۇ ئىسسىقتا كىشىگە ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
6-ئايدا، توقسۇن قاراتاغ يايلىقىنى قارلىق تاغلار قورشاپ تۇرىدۇ، تاغنىڭ ئېتىكى ۋە يايلاقتا بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان ھەرخىل تاغ گۈللىرى بەس-بەس بىلەن ئېچىلغان گۈزەل كارتىنا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. يايلاقتا ئەركىن ئوتلاپ يۈرگەن كالا، قوي ۋە ئات توپلىرى، مال توپلىرى ئەتراپىدا ھوشيار كۆزىتىپ يۈرگەن پادىچى ئىتلار ناھايىتى گۈزەل ۋە تەبىئىي كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. بەزى پادىچى يىگىتلەر موتوسېكىلىت بىلەن قوي توپلىرىنى ھەيدىسە، بەزىلىرى يېپيىشىل چىملىقتا يېتىپ ئاپتاپسىنىپ، گۈزەل تەبىئەت بەخش ئەتكەن ئارامبەخش تۇيغۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردە، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولدى، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 45 سېلسىيە گرادۇسقا يەتتى، لېكىن توقسۇن ناھىيەسى قارا تاغ يايلىقى ۋە كۆجەي بازىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتمىدى. 17- ئىيۇن چۈشتە، مۇخبىر قاراتاغ يايلىقىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتىكى تېمپىراتۇرا 16 سېىلسىيە گرادۇس بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇرپان شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 43 سېلسىيە گرادۇستا ئىدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، سالقىن بولغانلىقتىن، كىشىلەر تەرىپىدىن «تەبىئىي ئوكسېگىنخانا» ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
يېقىندىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى قاراتاغ يايلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنىشكە باشلىدى، ئاز بولمىغان كىشىلەر ماشىنا ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ، تەبىئەتنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھۇزۇرلانماقتا. قاراتاغ يايلىقىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىن چىقىپ، ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئېۋىرغولغا كىرىپ، قوي قوتىنى جىراسى (ياڭچۈەنگۇ)دىن ئۆتۈپ، تەخمىنەن 80 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، قاراتاغ يايلىقى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ. قاراتاغ يايلىقىغا بېرىشتىكى يول بويى مەنزىرىلەر ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچىلەر مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان لىنىيە ھېسابلىنىدۇ. تۇرپاندىن بارماقچى بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى توقسۇن ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ، كۆجەي يارداڭلىقى، تەڭرىتاغ قىزىل دەريا جىلغىسى ۋە پەنجىر غەلىتە تاش جىلغىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ، ياكى بولمىسا ئالغۇي بازىرىدىن 103- ئۆلكە تاشيولى ئارقىلىق قاراتاغ يايلىقىغا كەلگىلىمۇ بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى