خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇن، جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1 دە 2 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 27 مىنۇت ۋە 31 مىنۇت بولغاندا، بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزدى، گەرچە مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بىر ئىختىيارىي توپنى كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2 دە 1 قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.
24-ئىيۇن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خوخخۇت شەھىرىگە بېرىپ، خوخخۇت جۇڭيو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى