باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يۈنشەن يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم دوكلات يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى ئەينەك قىلىپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن بولايلى

2017.06.22 18:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش لياۋ جۈنبوغا بەرگەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋر كومپارتىيە ئەزاسى» گۇۋاھنامىسى ۋە مېدالىنى بەردى.

  يولداش لياۋ جۈنبو ھايات ۋاقتىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقى، ۋۇيى يېڭى تېخنىكىلىك كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى جېڭخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن، 2015-يىلى 6-ئايدا، مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى يولداش لياۋ جۈنبو بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: يولداش لياۋ جۈنبونىڭ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن نامغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى مەدھىيەلەيمىز، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى يولداش لياۋ جۈنبودىن ئۆگىنىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن دىلىدىن خەلققە بەخت يارىتىشقا چاقىرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر