باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەختنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرەيلى

بېيجىڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى

2017.06.22 18:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك 12-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن ئۇقۇشىچە، پايتەختنىڭ يېڭى ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىدا تىپ ئۆزگەرتىشنى كۆزلەش ــــ پايتەختنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئايلانغان. 2014-يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنى ئىككى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، پايتەختنى «مەملىكەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، مەدەنىيەت مەركىزى، خەلقئارا ئالاقە مەركىزى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى» قىلىشتەك شەھەر ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇپ چىقىشتەك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بېيجىڭ شەھەر يېڭى ئورنىنى چىڭ ئىگىلەپ، «قانداق پايتەخت قۇرۇش، قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەڭشەپ، شەھەر تەرەققىياتىدا چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  بېيجىڭ «تۆت مەركەز» يېڭى ئورنىنى چىڭ تۇرۇپ، پايتەختنىڭ فۇنكسىيەسى ئەمەس ئىقتىدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر بويىچە 409 تاۋار بازارنى تارقاقلاشتۇرغان، 1713 ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى چېكىندۈرگەن، بىر تۈركۈم مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى تېز سۈرئەتتە سىرتقا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان. بېيجىڭنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى مەنئى قىلىنىپ ۋە چەكلىنىپ، كارخانىلار تيەنجىن، خېبېيغا مەبلەغ سېلىپ يۆتكىلىشنى تېزلەتكەن، 2016-يىلى بېيجىڭدىكى كارخانىلارنىڭ تيەنجىن، خېبېيغا سالغان مەبلىغى 203 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈچ يىل ئىچىدە بېيجىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، قاتناش قىستاڭچىلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىپ، «يۇقىرى، نازۇك، ئۆتكۈر» كەسىپ قۇرۇلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر