باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يولداش لياۋ جۈنبوغا «دەۋر نەمۇنىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى

2017.06.21 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 20-ئىيۇن پۈتۈن جەمئىيەتكە لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش لياۋ جۈنبو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى جان-دىلى بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يەرلىكتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئەمەلىي ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، كۆڭلىگە ئاممىنى پۈكۈش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى گەۋدىلەندۈردى، ئۇ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش لياۋ جۈنبودىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۇختا ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جان-دىلى بىلەن خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  يولداش لياۋ جۈنبو ھايات چېغىدا فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ۋۇيى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ پارتىيەگە كىرگەن 25 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، ھەر بىر خىزمەت ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىغىچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈرەش قىلغان. ئۇ ھەر قانداق ئىشتا مەسئۇلىيەتتىن، قىيىنچىلىقتىن قاچماي، ھەر ۋاقىت كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى ئاممىنى تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاپ، يىل بويى تۈر قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونى قۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئالدىراش ئىشلىگەن، ئەزەلدىن ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، ياخشى ئوبرازى ۋە ياخشى تەسىرى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن. بۇ يىل 3-ئايدا بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە 48 يېشىدا قۇربان بولغان. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا لياۋ جۈنبوغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر