باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نومۇر تاللاش سىستېمىسى ئىشلىتىلدى

2017.06.21 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى 20-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئالاقە تورى ئارقىلىق نومۇر تاللاش، ئىختىيارىي نومۇر تاللاش دائىرىسى «20-50 كىچە 1 نى تاللاش»، سېتىۋالغان نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلى نومۇرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت يېڭى تەدبىرلىرى بىر تۇتاش يولغا قويۇلدى، قىسمەن رايونلار بىرلىككە كەلگەن نومۇر تاختىسى تاللاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈنى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلغان. سائەت 16 گىچە، جايلارنىڭ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاممىنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق نومۇر تاللاش كەسپىدىن 11 مىڭنى، «20-50 كىچە 1 نى تاللاش» بويىچە 145 مىڭ نومۇر تاللاش كەسپىنى، ئەسلى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ساقلاپ قالغان 6 مىڭدىن ئارتۇق كەسىپ تۈرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا، سەندۇڭ، خېنەن، گۇاڭشى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) مىقياسىدا ۋە شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇشى، شېنجېن قاتارلىق جەمئىي 68 شەھەردە بىرلىككە كەلگەن نومۇر تاختىسى تاللاس سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر