- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاسىيا ياۋروپا سىپىرلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى چىڭداۋدا ئېچىلدى
2017.06.21 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋدا ئاسىيا ياۋروپا سىپىرلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت سۆزى قىلدى.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ياۋروپا سىپىرلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش ئۆتكەن يىلى ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بولۇپ، ئاسىيا ياۋروپا رايونىنىڭ سىپىرلىق ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئوپتىكىلىق كابېل قاتارلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇچۇر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى سىپىرلىق ئىقتىساد نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشنى خالايدۇ.
ئاسىيا، ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 600 نەچچە ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر