باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا سودا- سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.06.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ زالىدا 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئامېرىكا كونوكو نېفىتى، غەربىي رايون سانلىق مەلۇماتى، ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتېرىيال، ۋارىيان داۋالاش، يۇقىرى ئۆتكۈزۈشچان، بىرلەشمە تېز يەتكۈزۈش، مىستېر كارتىسى، سىسكو سىستېمىسى، ئېكسون موبىل قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى گۇتېررېس، سابىق سودا ۋەكىلى بارشې فۇسىچ ۋە ئامېرىكا دۆلەت سودا جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەر ھەمكارلىقى، سودا مۇھىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى قارىشى ۋە پىكرىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سوئالىغا بىرمۇ-بىر جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساھەلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن كۆپ زور. يېقىندا، ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىككى تەرەپ باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتىنى ساقلىيالايدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتكە ھەم دۇنياغا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر