باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى خەلقئارا ساياھەت ۋادىسى

7-نۆۋەتلىك ئۈستقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى

2017.06.20 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن، ئىلى خەلقئارا ساياھەت ۋادىسى. 7-نۆۋەتلىك ئۈستقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قورغاس ناھىيەسىنىڭ جىيۈ مەلىكە (غەمخالاس مەلىكە) ئۈستقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن «گۈزەل قورغاستا كۆرۈشۈپ، خۇش پۇراقلىق ساياھەتتىن بەھرىلىنىش» تېمىسىدىكى ئۈستقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئۈستقۇددۇس ساياھەت بايرىمى بەش چوڭ بۆلەك 23 كىچىك بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، «تەنتەنىلىك يولغا چىقىش، قورغاسقا يىغىلىش» باشلىنىش مۇراسىمى، سۆسۈن ئەتىرگۈل – خۇشپۇراق قورغاسنى ھېس قىلىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇلتۇر، قورغاس ناھىيەسىدە كۈتۈۋېلىنغان مېھمان 1 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18 ئاشقان. مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ بېلەت سېتىشتىن كىرگەن كىرىمى 8 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ساياھەت ئۇنېۋېرسال كىرىمى 1 مىليارد 350 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  قورغاس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ماجىجۈن مۇنداق دېدى: 20 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئۈستتقۇددۇسنىڭ دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى چوڭ پايدىسى بولدى. بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى، يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ 6000 يۈەندىن ئاشتى. باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن بۇنچىلىك كىرىم قىلماق ناھايىتى تەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر