باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»تارقىتىلدى

2017.06.20 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پەن مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تىرەك ۋە ئاساسى كاپالەت قىلىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غايىلىك، ئىرادىلىك، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، بېغىشلاش روھىغا ئىگە كەسىپ ئىشچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئەزەلدىن كەسىپ ئىشچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۈرۈپ، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر يۈرۈش مۇھىم نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئومۇمىي تەپەككۇر ۋە سىستېمىلىق لايىھە تۈزۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، بۇ يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئاساسى قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئىسلاھات لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  «ئىسلاھات لايىھەسى»دە يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسى پىرىنسىپى، نىشانلىق ۋەزىپىسى شۇنداقلا ئىسلاھات تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز، قانداق ئىسلاھ قىلىمىز، قانداق يول ئارقىلىق قانداق نىشانغا يېتىمىز دېگەندەك بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلدى.

  «ئىسلاھات لايىھەسى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى مەخسۇس پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش-پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كەسىپ ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچىلار سىنىپىغا بولغان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى بەردى، بۇ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، كەسىپ ئىشچىلىرى ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر