- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۆكتوقاي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ
2017.06.20 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق خوش خەۋەر كەلدى: بۇ يىل 20-ئىيۇندىن 20-ئاۋغۇستقىچە، دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرىگاھى بولغان شىنجاڭ كۆكتوقاي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرىگاھى بولغان شىنجاڭ كۆكتوقاينى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىككى تۇغقىنى ھەمدە باشقا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەنزىرىگاھنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا %50 ئېتىبار قىلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر