باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشتا 17 كىشى قازا قىلدى

2017.06.20 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىگېرىيە ساقچى تەرەپنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بۇرنو ئىشتاتىدا 18-ئىيۇن كەچتە ئۆزىنى قوشۇپ بومبا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 كىشى قازا قىلغان، كۆپلىگەن كىشىلەر يارىلانغان.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى جەمئىي بەش ئايال بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچى بىر ئايال بىر مەسچىتكە يېقىن جايدا بومبىنى پارتلىتىپ يەتتە كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇندىن باشقا يەنە بىر ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئويدە بومبىنى پارتلىتىپ، بەش كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى بەش كىشى ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا قازا قىلغان.

  ھازىر بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ ئاممىۋى سورۇنلاردا پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ئەسەبىي تەشكىلات بوكۇ ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇلى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر