باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېتسىيە يوشۇرۇنۇپ كىرگەن تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى

2017.06.20 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىتوكھولىمدا 4-ئايدا يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق كىشىلەرنى سوقۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، يوشۇرۇن تەھدىتنى بالدۇر تۈگىتىش ئۈچۈن، پاناھلىنىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان مۇساپىرلار ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى تەكشۈردى.

  شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش مۇساپىرلىق ئىلتىماسىنى سۇنغۇچىلار ئۈچۈن بېسىم بولىدۇ. بىز تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغۇچىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە جەمئىي 267 كىشى شىۋېتسىيە ئارقىلىق سۇرىيە بىلەن ئىراققا بېرىپ، ئىسلام دۆلىتى ياكى بازا تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتقا قاتناشقان. ھازىر، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمى سۇرىيە ياكى ئىراقتا 16 ئاي تۇرغاندىن كېيىن شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر