- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2017.06.20 15:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 19-ئىيۇن، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە دېڭىزدىكى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىشىدىكى ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شۇ كۈنى فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇۋۇ ئۆلكىسىگە يېقىن دېڭىز ساھىلىدە بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا 7-فىلوتىنىڭ 73-ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئەترىتىنىڭ باشلىقى باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىرى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دېڭىزدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەشغۇلاتچىلىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر