باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئېتىز-ئېرىقتىن ئاشقان سۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا قويۇپ بېرىلدى

2017.06.20 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئون كۈن ئاققان سۇ قۇرۇپ كەتكەن تېتېما كۆلىگە ئاستا-ئاستا قۇيۇلدى، بۇ شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ئېكىلوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ 18-قېتىم مەنزىلگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم قۇيۇلغان سۇ بۇ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى قېتىدىكى ئېتىزلاردىن ئاشقان.

  ئېكىلوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشقا مەسئۇل تارىم دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم تۆۋەنكى ئېقىنغا قويۇپ بېرىلگەن سۇ سۇغىرىش ئارىلىقىدىكى مەزگىلدە ئېتىز-ئېرىقتىن ئاشقان سۇ ئىكەن. بۇرۇن 17 قېتىم ئېكىلوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، كۆپىنچىسىدە ياز-كۈز كۈنلىرىدىكى كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىلغان.

  تارىم دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلى كۈزگىچە شىنجاڭدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا 17 قېتىمدا جەمئىي بەش مىليارد 780 مىليون كۇب مېتىر ئېكىلوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلىپ، تۆۋەنكى ئېقىن دەريا يولىنىڭ قۇرۇپ كەتكىلى 30 يىل بولاي دېگەن تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن. ھازىر بۇ رايوندىكى يەرئاستى سۈيى ئۈنۈملۈك تولۇقلانغان، دەريانىڭ ئىككى قېتىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تەدرىجى ئەسلىگە كەلگەن، توغراقلىقلار قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن، قۇرۇپ كەتكىلى نەچچە ئون يىل بولغان تېتېما كۆلىدىمۇ ياپيېشىل مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، كۆل كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 260 نەچچە كۇۋادىرات كېلومېتىرغا يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر