باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.06.20 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بېيجىڭ خۇەيرۇ رايونى يەنشى بازىرى چۈەنشۇيتۇ كەنتىدىكى كادىرلارنىڭ شېرىكلىشىپ يەر تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى قاتارلىق 9 تىپىك دولونى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نەزىرىنى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە قارىتىپ، كىچىك ئەمەلدارلار كۆپ پارە ئېلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۇتۇۋېلىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى تەرز يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەت ياۋۇز كۈچلىرىنى قەتئىي رەتكە سېلىشى كېرەك. مەسىلىسى ئالاھىدە بولغان، خاراكتېرى يامان بولغانلىرى بولسا، ئۆلكە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. مەسىلىنى ئۇزۇندىن بېرى ھەل قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم، مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش سىگنالى بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر