باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن پەن تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى ئىچىدە چەتئەل پۇرىقى بارغانچە قويۇقلاشتى

2017.06.20 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن پەن تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى ئىچىدە چەتئەل پۇرىقى بارغانچە قويۇقلاشتى.

  مۇخبىرنىڭ نۇرغۇن پەن تېخنىكا تىپىدىكى ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنىدىن بايقىشىچە، بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىقىدىكى تەڭ پەيدا ئېلىش نۇقتىئىنەزەرىنىڭ تەسىرىدە، پەن تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنىدىكى ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن، نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن، بازار تېخىمۇ زورايغان. خەلقئارا تەسىرگە ئىگە بىر مەيدان يېڭىلىق يارىتىش يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا ئىكەن.

  بېيجىڭ چوڭقۇر بىلىم چەكسىز سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقات يۇرتى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىدىكى بىر سىكاننېر 200 ھەسسە چوڭلۇق بىلەن بىر جۇڭگوچە رەسىمنى سىكاننېرلاۋاتاتتى، چوڭايتىلغاندىن كېيىنكى رەسىمدىن قەغەزدىكى سىزىقچىلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق بىرەر مەدەنىي يادىكارلىقنىڭ تەپسىلىي ئالاھىدىلىكىنى خاتىرىلىگىلى، ئۇنى مەدەنىي يادىكارلىقنىڭ كىملىكى قىلغىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقنىڭ راست ۋە ساختىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

  ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ قارا پەن تېخنىكا چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ يىل 5-ئايدا ياۋروپا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى پىروفېسسور خاننىس ۋۇسىكېرت جۇڭگودىكى پەن تېخنىكا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقى كۆرۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بىرگە چوڭقۇر بىلىم چەكسىز سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقات يۇرتىنى قۇردى.

  جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ھەم ئۆز-ئارا ئۆگىنىش جەريانى، ھەم كۈچلۈكلەر ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەريانى. پىروفېسسور خاننىس ۋۇسكېرت مۇنداق دېدى: تەتقىقات يۇرتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئاممىۋى تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، جىڭدۇڭ، جىڭدۇڭفاڭ قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللانغان كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، ماشىنا ئادەم كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق پەرق ئېتىش، تىل تەرجىمىسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

  دۆلەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانچە كۆپ چەتئەللىك ئەربابلار جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان چەتئەللىك خادىملار 900 مىڭ ئادەم قېتىدىن ئاشقان.

  مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى نەزىرىنى جۇڭگودىكى چەتئەللىك ئەربابلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا قاراتتى. "ياتاقداشلار تۈرى"نىڭ ئىجادكارى قوشۇمچە باش مۇدىرى ۋۇ يوپىڭ دەل مۇشۇنداق ئەربابلارنىڭ بىرى. بېيجىڭدىكى سەنلىتۇن ئەتراپىدا ۋۇ يوپىڭ مۇخبىرنى باشلاپ "ياتاقداشلار تۈرى"نى ئېكىسكۇرىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ياتاقداشلار تۈرى"نىڭ يادروسى چەتئەللىك ئەبابلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى كىرىش ئېغىزى قىلىش، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. كەلگۈسىدە بەزى ئىنتېرنېت ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرى ئۆز يېرىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپلا قالماستىن، مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىكى دۆلەت قورغىنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئالاھىدە ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر