باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە–خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك

2017.06.21 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەركەز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش ئۇزاقتىن بۇيان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىمىزنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر، شۇنداقلا مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشى ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى، ئېھتىياجنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاشۇرۇلما مىقدار بىلەن ساقلانما مىقدارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى، سىستېما بىلەن ئامىلنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، تۈزۈم – ئۆلچەم قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيە-خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى جاڭ گاۋلى ئىشخانا قۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر