خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىلگىيە پايتەختى بريۇسسىلدا، ھەربىيلەر ۋە ساقچىلار بريۇسسېل مەركىزىي ۋوگزالى ئەتراپىدىكى يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلماقتا.
بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور پونكىتى 20- ئىيۇن كەچتە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەرنىڭ شۇ كۈنى كەچتە بىريۇسسېل مەركىزىي ۋوگزالىدا يېنىدىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتقانلىنى، ۋەقەدە ئۆلۈم-يېتىم بولمىغانلىقىنى، ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ھەربىيلەرنىڭ بۇ ئەرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى