باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن ئادەم تاللاپ مەمۇرلۇققا قويۇش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2017.06.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن ئاشكارا ھالدا ئادەم تاللاپ مەمۇرلۇققا قويۇش، شىنجاڭنىڭ مەمۇرلار قوشۇنىغا كىرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەتكە ئايلانماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ 13 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە،«13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن يىلدا بىر قېتىم ئاشكارا ھالدا ئادەم تاللاپ مەمۇرلۇققا قويۇپ، كەسپىي ئورۇننىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خادىم تەكلىپ قىلىش، سىناش، مۇكاپاتلاش-جازالاش ۋە باشقۇرۇش دېگەندەكلەرنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولغان تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 8- ئايدا، ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا يۈزلەنگەن ئاشكارا ھالدا مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى ئېلىپ بارغان. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگاندىن سەككىزى خىزمەت ئورنىدىن 40ى تاللىنىپ ئالدىن سىناق قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 10 باشقارما دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى ۋە 30 مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن خىزمەت ئورنى بۇنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر