باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.06.21 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 20- ئىيۇن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، 38 شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: جازالانغان شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەر ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازادىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغان بىر ئەمەلىي گەۋدە، ئىلگىرى جازاغا ئۇچرىغان زاتلار كونترول قىلغان ئىككى ئەمەلىي گەۋدە ۋە ئىككى نەپەر رۇسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېڭى جازالاش تەدبىرلىرى ھازىر بار بولغان جازالاش تەدبىرلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىش ھەمدە ئامېرىكا ۋە باشقا ھەمراھلىرىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دېدى.

  جازالاش تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، جازالىنىدىغان شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىمۇ چەكلىنىدۇ.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتېۋىن مىنۇچىن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە رىئايە قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرى بوشاشتۇرۇلمايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر