باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ 5- قارارلىق ئاستانە تىنچلىق سۆھبىتى 7- ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.06.21 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19- ئىيۇن خەۋىرىدىن قارىغاندا، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىقلارنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، 7- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ 5- قارارلىق ئاستانە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

  مۇشۇ تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر سۇرىيە ۋەزىيىتى، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ۋە سۇرىيەدە تەرەپلەر توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش رايونى قۇرۇش مەسىلىسى دېگەندەك ئىشلار ئۈستىدە كېڭىشىش بولىدىكەن. سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشقا كېپىللىك قىلغۇچى دۆلەتلەر (رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران) سۇرىيەدە تەرەپلەر توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش رايونىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىدىكەن، ھەمدە سۇرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش رايونى قۇرۇش ئەسلەتمىسى رامكىسى ئاستىدا، توسالغۇسىز ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەندەك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

  قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 1- مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇختەر تەلەۋبەردىقان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قارارلىق تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ بۇ قارارلىق تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىسپاتلىق بەرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر