- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روزا ھېيت مەزگىلىدە نىڭشيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ
2017.06.21 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ نىڭشيا قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، روزا ھېيت مەزگىلىدە يەنى 24-ئىيۇن سائەت 0دىن 28-ئىيۇن سائەت 24كىچە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار نىڭشيا تەۋەسىدىكى ھەقلىق تاشيوللاردىن ئۆتكەندە ھەق ئېلىنمايدىكەن. بۇ مەزگىلدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەخسۇس يولى داۋاملىق ئېچىۋېتىلىدىكەن، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە توختىمىسىمۇ بولىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا نىڭشيا تەۋەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئاپتوماتىك ھەق ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى تاقىۋېتىلىدىكەن. ئەگەر چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىتتىكى بۆلەك بولسا، ئەمەلىي مۇساپىگە ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر