باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يوللار ۋاقىتلىق تىزگىنلىنىدۇ

2017.06.21 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى (قىسقارتىلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 44 ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئېلىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى مەزگىلىدە يولنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم مەكتەپلەر ئەتراپىدىكى يوللاردا قاتناش ۋاقىتلىق تىزگىنلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تەرەپ ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىگە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش تىزگىنلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ قاتناش لىنىيەسىنى ۋە قاتناش قورالىنى ياخشى تاللىشىنى، شۇ ئارقىلىق بۇ ۋاقىتتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر يوللاردا زەخىملىنىش خاراكتېرىدىكى قاتناش ھادىسىسى كۆرۈلسە، نەق مەيداننى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى بويىچە تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ، يوللارنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، يولدا يۈرگەندە سىگنال بەرمەسلىك روھىغا ئاكتىپ ئەمەل قىلىپ، شاۋقۇننى پەسەيتىشىنى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا جىمجىت بولغان ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى سورايدۇ. ئۇندىن سىرت، ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ناۋادا تاساددىپىي ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا، 4801773-0991 گە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر