خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى چاخان ئېرىق كەنتىدىكى پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن زىيانسىز شوخلا بازارغا سېلىنىپ، جايلاردىكى كۆكتات سودىگەرلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
19-ئىيۇن، مۇخبىر قاراشەھەر ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى چاخانئېرىق كەنت 4-مەھەللە ئاھالىسى ۋاڭ سۈننەننىڭ ئېتىزلىقىدىكى قىپقىزىل پىشقان زىيانسىز شوخلىلارنى كۆردى. ۋاڭ سۈننەن ئايالى بىلەن پىشقان شوخلىلارنى ئۈزۈپ، بازارغا ئەكىرىشكە تەييارلىق قىلماقتا ئىدى. ۋاڭ سۈننەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل تېرىغان شوخلىلار كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ئالىي سورتلۇق شوخلا تۈرى بولۇپ، ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى ۋە ھورمۇن ئىشلىتىلمىگەن، بۇ شوخلىلار ھازىر بازاردا ھەر كىلوگىرامى تۆت يۈەندىن توپ باھادا سېتىلىۋاتىدۇ ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى.
ۋاڭ سۈننەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈزۈۋاتقان بۇ 20 يەشىك شوخلىنى تۇرپاندىكى بىر كۆكتات سودىگىرى زاكاس قىلغان، مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل يېشىل كۆكتات ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ شوخلىلار تەبىئىي ئۆسكەن، تەمى ئىنتايىن ياخشى، شۇڭا بازاردىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى