باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 2 مىليارد 560 مىليون يۈەن بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش-شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللىدى

2017.06.21 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە 2017-يىللىق تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش-شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، 2017-يىللىق تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش-شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمىنى 12 مىليون موغا كېڭەيتىشنى بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش كۆلىمى 10 مىليون مو، شۈدىگەرلەش كۆلىمى 2 مىليون مو بولۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلار پىرىنسىپ بويىچە نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يەرلەر چوقۇم ئۈچ يىلغىچە ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەك.

  مەركەز مالىيەسى نۇقتىدا قىلىدىغان رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2017-يىلى 2 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى بىۋاسىتە نەق پۇل تارقىتىش ياكى ئاشلىققا سۇندۇرۇپ ماددىي ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ياردەم مەبلىغىنى ناھىيە-يېزىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغىچە نەقلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىللار ئارا ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش پايدىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۇنى زىرائەتلەر ئارا پايدا تەڭپۇڭ نۇقتىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ياردەم ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر