باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كارىزلارنىڭ سۈيى كۆپىيىشكە باشلىدى

2017.06.21 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاۋا ئىسسىشقا باشلىدى، لېكىن تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى جاي كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن سەيدۇل ئېقىپ چىقىۋاتقان كارىز سۈيىگە قاراپ سالقىن، ئازادە ھېس قىلدى، ئۇ ئىلگىرى كارىز سۈيى ئۈزۈلۈپ قالاي دېگەن ئىدى، ھازىر كۈنىگە 20 نەچچە مو يەر سۇغۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.

  بۇ ئۆزگىرىش يولغا قويۇلۇۋاتقان قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن. مۇخبىرنىڭ يېقىندا تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بەشىنچى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش، مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شۇ جايدا ساقلىنىپ قالغان كارىزلارنىڭ سۈيى %30 كۆپەيتىلگەن، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 6-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

  2009-يىلى دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، 93 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 164 كارىزنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدىدى ۋە مۇستەھكەملىدى، 15 مىڭ 744 كارىز قۇدۇقىنى مۇستەھكەملىدى، 714كىلومېتىر ئوچۇق ئېرىق ۋە يېپىق ئېرىقنى ئادالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپاندا 130 كارىزنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدىدى ۋە مۇستەھكەملىدى، 13 مىڭ 700 كارىز قۇدۇقىنى مۇستەھكەملىدى، 650 كىلومېتىرغا يېقىن ئۇچۇق ئېرىق ۋە يېپىق ئېرىقنى ئادالدى، مۇستەھكەملەنگەن ۋە رېمونت قىلغاندىن كېيىن كارىزلارنىڭ سۈيى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆپەيدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۆپىيىش نىسبىتى %30تىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر