باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.06.22 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا كۈچ قوشۇش بېكىتىلدى؛ «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنى باشقۇرۇش نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ <قۇرۇلۇش تۈرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ تارقاق بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى زورايتىش ـــ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ تېجەشلىك، سەرخىل، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىرىنچى، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە ساھەنىڭ ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد كەسىپ خۇسۇسىيىتىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شارائىتى بار كەسىپ، رايون ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى دادىل ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان مەمۇرىي ئىجازەت، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش قاتارلىق ئىش ۋە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئېنىقلاپ تەڭشەپ، كونا چارە بىلەن يېڭى كەسىپ ھالىتىنى باشقۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەھرىلىنىش سۇپىسىغا تايىنىپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە كارخانا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى ئىختىساسلىقلار، ئەسلىھە قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك. ئۈچىنچى، «يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، يېڭى ئىجازەت ۋە نازارەت قىلىش سىياسىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. كەسىپ ۋە رايون توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد ساھە سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ مونوپول ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك، سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كەسىپ مۇلازىمىتى ئۆلچىمى، تەلەپچان بولۇش ئەھدىنامىسى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت، كارخانا، ئىستېمالچى قاتارلىق جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىپ ھوقۇقىنى قوغداش 3-تەرەپ سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر