باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە زەھەر چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزغانلار 1 مىليون 130 مىڭدىن ئاشتى

2017.06.22 18:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلى زەھەر چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىدىكى زەھەر تاشلىتىش سىستېمىسىنىڭ 360 زەھەر تاشلىتىش سورۇنىدا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزغانلار 1 مىليون 130 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان، 73 زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سورۇنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلەر 96 مىڭدىن ئاشقان.

  زەھەر تاشلاۋاتقانلارنىڭ جەمئىيەتكە ئوڭۇشلۇق قايتىپ، «روھىي خۇمار»دىن ئۈزۈل - كېسىل قول ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە زەھەر تاشلىتىش سورۇنلىرى 9000دىن ئارتۇق پىسخىك مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىپ، زەھەر تاشلايدىغانلارغا قارىتا پىسخىكىلىق داۋالاپ تۈزىتىش ۋە قايتا چېكىشكە قارشى تۇرۇش پىسخىكا مەشىقى قىلدۇردى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ خىل كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تەسىس قىلىپ، زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، زەھەر تاشلايدىغانلارنى مۇئەييەن ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىللە، تىرىكچىلىك ماھارىتى ئىگىلەتتى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسى مەملىكەت بويىچە 1500گە يېقىن مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزۇش (سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) يېتەكچىلىك قىلىش پونكىتى قۇردى، جەمئىيەتتىكى 23 مىڭدىن ئارتۇق زەھەر تاشلايدىغانلارغا قارىتا باشقۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى، مەھەللىدىكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلەر 32 مىڭدىن ئاشتى؛ زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ قانۇن ۋە ئەخلاق تەربىيەسى ۋە زەھەر چەكلەش بىلىملىرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %100كە، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %73.8كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %91 تەربىيىلەنگۈچى گۇۋاھنامىگە ئېرىشتى.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى زەھەر تازىلاتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساۋ شۆجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى زەھەر تاشلىتىش خىزمىتى يەنىلا كەسپىي ئىختىساسلىقلار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش، داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر كەمچىل بولۇش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق، زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە بىخەتەر باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق، ئىلمىي، مەدەنىي باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن زەھەر تاشلىتىش ئاساسىي ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمەت تۈزۈمىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر