خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 21- كۈنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بولغۇسى باش مەمۇرى لىن جېڭيۆئې قاتارلىق 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى نامايان بولدى.
گوۋۇيۈەن 21-ئىيۇن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بولغۇسى باش مەمۇر لىن جېڭيۆئې بىلەن 5-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن مەمۇرىيەت مەھكىمىسى، مالىيە مەھكىمىسى ۋە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئۈچ نەپەر باشلىقى، 13 نەپەر ئىدارە باشلىقى ۋە باشقا بەش نەپەر ئاساسلىق ئەمەلدارى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت باش ئىشتابىدا تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ نامايان بولدى ھەمدە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى