باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈزىتىش شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

--18-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كۈزىتىشىدىن ئەسلىمە

2017.06.22 18:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن، 18-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ 12-نۆۋەتلىك كۈزىتىشىنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 15 ئالىي مەكتەپ پارتكومىنىڭ كۈزىتىش ئەھۋالىدىن قىلىنغان قايتما ئىنكاسى مەركەزلىك ئېلان قىلىنغاندا، 18-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك كۈزىتىش ئەھۋالىدىن قىلغان بارلىق قايتما ئىنكاسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى.

  بۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ كۈزىتىشىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر، جايلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى، مەركەز پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق بەش «بۆلەك» نىڭ كۈزىتىش بىلەن تولۇق قاپلىنىپ، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە مەركەزنىڭ كۈزىتىشى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ كۈزىتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، 2013-يىلى 5-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك كۈزىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغاندىن تارتىپ، 2017-يىلى 6-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك كۈزىتىش ئەھۋالىدىن قايتما ئىنكاسى ئاخىرلاشقىچە بولغان 12 نۆۋەتلىك كۈزىتىشتە جەمئىي 277 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتى كۈزىتىلىپ، 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە «كېيىنكى تەكشۈرۈش» قانات يايدۇرۇلۇپ، تۆت ئورۇن «ھەرىكەتچان شەكىللىك» كۈزىتىلىپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىدە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، تەكشۈرۈكسىز رايون قالدۇرماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۈزىتىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى زەربىدارلىق ۋە ئاۋانگارتلىق رولى تولۇق نامايان قىلىنىپ، كۈزىتىش تۈزۈمىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە زور يېڭىلىق يارىتىلىپ ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىگە ئەمەل قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر