سۈرەتتە: ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئارقىلىق دورا چېچىپ ئۈلگە كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاي كېۋەزنىڭ ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى ۋە كېسەل، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق پەيتى. كېۋەزنى ئىلىمىي ئۇسۇلدا باشقۇرغاندا مول-ھوسۇلىنى ئاشۇرغىلى، يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىلىمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى ئاقئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتى كەنتكە مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلىپ، «كېۋەزدىكى زىيانداش ھاشارەت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىۋەز پەرۋىشى» توغرىسىدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرى لىكسىيەسى ئورۇنلاشتۇردى. مۇتەخەسسىلەر ئاساسلىقى قىلىپ كېۋەزنىڭ ھەر قايسى ئۆسۈش باسقۇچىلىرىدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى توغرا پەرىقلەندۈرۈش، دېھقانچلىق دورىسىنى توغرا تاللاش، تەڭشەش ۋە چېچىش، سۇغىرىش ۋە ئۇغۇتلاش توغرىسىدىكى ئاساسىي ساۋاتلارنى بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسەتكەچ سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ھەمدە ئۇچقۇچىسىز دورا چېچىش ئايروپىلانى بىلەن 3 سائەتتە 100 مو يەرگە دېھقانچلىق دورىسى چېچىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇچقۇچىسىز دورا چېچىش ئايروپىلانى بىلەن دۇرا چېچىشنىڭ دېھقانچلىق دورىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىدىن ساقلىنىش جەھەتتىكى، ۋاقىت ۋە ئۈنۈم جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن دېھقانلار كېۋەز پەرۋىش تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش توغرىسىدا ئەمەلىي نەپلەرگە ئېرىشتى. (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى