باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەدىمىي كوچىغا ھۆسن قوشقان زامانىۋى قەھۋەخانا

2017.06.23 14:07   مەنبە: خەلق تورى

قەدىمىي كوچىغا ھۆسن قوشقان زامانىۋى قەھۋەخانا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر كونا شەھەر رايونى _ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭبويىدا بەرپا قىلىنغان 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي رەستە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە سېتىش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. قەشقەر شەھىرىدە 2009-يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆستەڭبويىدىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۆيلەر رېمونت قىلىنىپ، بۇ كوچىلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا يېڭىچە قىياپەتتە قەشقەر شەھىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مەدەنىيەت، سودا-ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

  كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئەۋزەللىكلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئائىلە ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزى ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئۆز ئۆيىدىلا ساتالايدىغان، ئۆز قولىدا ئەتكەن تائاملىرى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلىپلا قالماي، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىمىنىمۇ ئاشۇرالايدىغان بولدى.

  قەدىمىي كوچىلاردا قەشقەرنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت ئىزناسى بولغان ئەنئەنىۋى ساماۋەرخانا ۋە چايخانىلار بۇرۇندىن بار بولسىمۇ، كوچا بېشىغا يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان، زامانىۋىلىق بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن قەدىمىي كوچا قەھۋەخانىسىمۇ بۇ كوچىغا باشقىچە ھۆسىن قوشتى.

  قەدىمىي كوچا قەھۋەخانىسى كونا شەھەر رايونىغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، يەرلىك كىشىلەرنىڭمۇ مۇڭدىشىدىغان، ئارام ئالىدىغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەھۋە، يەرلىك چايلارنى ئىچكەچ قۇرۇق يەل-يىمىشلەر ۋە تاتلىق-تۇرۇملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۇيغۇر مىمارچىلىق سەنئىتىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئاتۇش مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ كوچىدا چوڭ بولغان ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت بۇ كوچىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان تۆت ئەۋلاد ئولتۇرغان ئاتا مىراس ئۆيىنى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئۈچ قەۋەتلىك قىلىپ سېلىپ، 1 مىليون يۈەن خەجلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا ئالاھىدە بېزەتتى، ھەيۋەتلىك بېزەلگەن بۇ ئۆي كوچىغا كىرگەن ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر ئۆينىڭ سىرتىدىن ئىچىگە بەكرەك قىزىقاتتى، ئىشىك يوچۇقلىرىدىن مارىلاپ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ياغاچ ئويما پىشايۋانلارغا، ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنىڭ قولىدا چىققان گۈللۈك تاختايلىق پەلەمپەي، تاملارغا ھەۋەسلىنىپ قارايتتى. بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت ئۆزى قىلىۋاتقان ئاياغچىلىق تىجارىتىدىن ۋاز كېچىپ، قورۇسىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كوچىدا تاپقىلى بولمايدىغان، چەت ئەللىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى قەھۋەخانا قۇرۇش ئويىغا كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئويىنى ئۆستەڭبويى كوچا باشقارمىسىدىكىلەرمۇ ئالاھىدە قوللىدى. ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت مەخسۇس ئۈرۈمچىگە بېرىپ قەھۋە تەڭشەشنى ئۆگەندى، قەشقەرگە كېلىپ كونا مويسىپىت بوۋاي-مومايلاردىن قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى چاي تەڭشەش ھۈنىرىنى سوراپ ئىگىلىدى، ھەر خىل چاي دەملەشنى بىلىدىغانلارنى ئىزدەپ تېپىپ، مېۋە تەملىك چاي دەملەشنى ئۆگەندى، ئۆيىنىڭ 1-قەۋىتىنى قەھۋەخانا ئۇسلۇبىدا بېزەپ، ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرىنى يەرلىك ياغاچچىلارغا توغراق دەرىخىدىن ياساتتى، شۇ تەرىقىدە بىر يىل تەييارلىق قىلىپ، 2017-يىلى يىل بېشىدا قەدىمىي كوچا قەھۋەخانىسىنى ئېچىپ، رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

  قەھۋەخانىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى بۇ كوچىغا قەدەم ئالغان ھەر بىر چەت ئەللىك ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى، ئۇلار قەھۋەخانىغا كىرىپ، بىر ئىستاكان ئىسسىق «كاپىچىنو» ئىچىپ راھەتلەنسە، بىھى، ئامۇت، خورما، چىلان، زەنجىۋىل، رەيھان، پىننە، قايماق چاي، مېۋە تەملىك دوغ ئىچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ قەھۋەخانىدىن تېخىمۇ رازى بولدى...

  ياز كېلىشى بىلەن قەشقەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر تۇرالغۇ ئۆيىدە ئېچىلغان قەھۋەخانا ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان، ئۇيغۇر مىمارچىلىقى ۋە ئۇيغۇر چاي مەدەنىيىتىنى قەھۋە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نامايان قىلىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ
    ·جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئى…