باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ جۇڭگو بىلەن تىركىشىش ئىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى

2017.06.27 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ 26- ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ يېقىندا چېگرادىن ئۆتۈپ جۇڭگو بىلەن تىركىشىش ئىشلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار كېلىشىمى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا خىلاپ بولۇپ،چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  مۇخبىر: خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىمى يېقىندا چېگرادىن ئۆتۈپ ھەم جۇڭگو بىلەن تىركىشىش ئىشلىرى يۈز بېرىپتۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.

  رېن گوچياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: يېقىندا، جۇڭگو تەرەپ دوۇلاڭ رايونىدا يول قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقاندا، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرا سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ توسۇشىغا ئۇچرىغان. جۇڭگو - ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكى تارىخىي شەرتنامە بويىچە ئايرىلغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم يازما شەكىللەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپ سىككىم بۆلىكى چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىدە باشقىچە پىكرى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ جايدا يول ياسىشى پۈتۈنلەي ئۆز زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ، ھىندىستان تەرەپنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو تەرەپ مۇشۇ توغرىسىدا ھىندىستان تەرەپكە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھىندىستان ئارمىيەسى بىر تەرەپلىمە ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار كېلىشىمى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۇرۇدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى قوللانماسلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر