باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قارارنى ماقۇللىدى

2017.06.23 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى 22-ئىيۇن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىلىنىشكە قوشىدىغان تۆھپىسى» دېگەن قارارنى ماقۇللىدى. بۇ ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ماقۇللىغان تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى.قارار ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىلىنىشكە قوشىدىغان مۇھىم تۆھپىسىنى بېكىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىزدەپ، خەلققە تايىنىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىشقا چاقىرغان.

  قارار يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە، بولۇپمۇ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇقتىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىرغان. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالغان.ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر قارار تەكلىپىگە 70تىن ئارتۇق دۆلەت بىرلىشىپ قول قويغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر