باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىڭ كىشى ماشىنا ھەيدەپ رۇسىيەدە ساياھەتتە بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن

2017.06.22 18:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئايدىن 9-ئايغىچە، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى جۇڭگو رۇسىيە قىزىل ساياھەت چوڭ تىپتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولغان مىڭ كىشى ماشىنا ھەيدەپ رۇسىيەدە ساياھەتتە بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 28-ئىيۇن خۇنەن، شەنشىدە بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىن يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە ماشىنا ھەيدەپ بېيجىڭغا بېرىپ يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىنىدۇ. 1-ئىيۇل خۇنەن، شەنشىدىن ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ماشىنا كالونى بېيجىڭدىكى ماشىنا ھەيدەپ سەپەرگە چىقىدىغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ، پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. ئاندىن كېيىن ماشىنا كالونى ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ، 5-ئىيۇل مانجولى چېگرا ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

  5-ئىيۇل كۈنى دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى موسكۋادا جۇڭگو ساياھەت تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتى ۋە رۇسىيە چېگرا ئىچىدە ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇراسىم نەق مەيدانىدا جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئويۇنى كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، 8-ئايدىن 9-ئايغىچە، يەنە ئىككى تۈركۈمدىكى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كالونى رۇسىيەگە بېرىپ پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر