باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

"ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر مۇلازىمەت ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى" ئىمزالاندى

2017.06.22 18:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا بېيجىڭ، شېنجېن، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، شەندۇڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە شەھەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەمدە شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر سودىگەرلەر مۇلازىمەت باشقۇرۇش خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن " ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر مۇلازىمەت ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى" ئىمزالاپ، ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر، شىنجاڭدىكى ئىچكىرىلىك ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ ئوبدان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جۇن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ تەرەپ خىزمەت بىرلەشمە مېخانىزمىنى كېڭىشىپ بېكىتىپ، بۇندىن كېيىنكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قولايلىق يارىتىپ، شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىچكىرى جايلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  بۇندىن كېيىن شىنجاڭ بۇ بەش ئۆلكە، شەھەر بىلەن ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۈنەرۋەنلەر ھۈنەرۋەنلەر بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىلىرى بىلەن، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بىلەن، كارخانىلاردىكى تايانچلىرى ئارا قوشماقلىشىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئەمگەكچىلەرگە ئەمگەك قىلىۋاتقان يېرىدە ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  سەنشى ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ لىيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر سەنشى ئۆلكىسىدە شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر، سودىگەرلەر مىڭدىن ئاشىدۇ، سەنشى ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كۆپ يوللار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، بايراملاردا مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر، سودىگەرلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىغا تېزدىن سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر