باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساقچىلار بىلەن كارخانىلار ماسلىشىپ تور جىنايىتىگە زەربە بەردى

2017.06.22 18:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بېرى تور ئالدامچىلىقى دېلولىرى پات پات يۈز بېرىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش باش ئەترىتى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە 360 شىركىتى بىرلىكتە قاتناشقان، ساقچىلار بىلەن كارخانىلار ماسلىشىپ، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش ـــ ئوۋچى تورى سەھنىسىدە 2017-يىلىدىكى تور ئالدامچىلىق سانلىق مەلۇماتى دوكلاتى شۇنداقلا ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلىش پائالىيىتى 20-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئوۋچى تور سەھنىسى تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش، تورداشلارنىڭ ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇنداق ئۇچ چوڭ تەدبىر چىقاردى:

  بىرىنچى، ئوۋچى تورىدا ئىزىغا چۈشۈش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە تورداشلارغا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش، ئۇلارنى گۇمانلىق يانفون نومۇرى، تور ئادرېسى، qq نومۇرىنى، ئالدامچىلىق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

  ئىككىنچى، توردا سېتىۋېلىشتا ئالدىن تۆلەم بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش. خېرىدارلار باش بەتتىكى باشلامچى ئىستون، شىكايەت بېتى قاتارلىقلاردا ئالدى بىلەن تۆلەم بېرىش دېگەن ئېغىزنى تېپىپ، شىكايەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆلەم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم خېرىدارلارنىڭ تۆلەم ئۇچۇرى يېزىشتىكى قەدەم باسقۇچى قىسقىرايدۇ ھەم تۆلەم ئۆلچىمىگە توشۇيدىغان تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى مەملىكەتلىك سەپىرىنى باشلاش. سەھنىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 نەچچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن بىرلىشىپ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ئوۋچى تورى قاتارلىقلاردا ئەڭ يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ۋە ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلاردا ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر