باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «ئاممىباپ ئاۋىياتسىيە كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2020-يىلىغا بارغاندا 100 دىن ئارتۇق ئاممىباپ ئايرودۇرۇم سېلىنىدۇ

2017.06.22 18:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى 19-ئىيۇن «ئاممىباپ ئاۋىياتسىيە كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ). «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2020-يىلىغا بارغاندا 100دىن ئارتۇق ئاممىباپ ئايرودۇرۇم سېلىنىدۇ، 2030-يىلىغا بارغاندا، 200دىن ئارتۇق ئاممىباپ ئايرودۇرۇم سېلىنىدۇ. ئاممىباپ ئاۋىياتسىيەنىڭ ناھىيەلەر ئارا، تۇەن-مەيدانلار ئارا تۇتاش بولۇشنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسىي رايونلار، نۇقتىلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق رايونلىرى، نۇقتىلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايونلار، دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايونلار، دۇنيا تەبىئىي مەدەنىيەت مىراس ئورۇنلىرىنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ئاممىباپ ئايرودۇرۇملارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان تۆۋەن بوشلۇق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئاممىباپ ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇشنى نورماللاشتۇرۇش، ئاممىباپ ئاۋىياتسىيەنىڭ يىللىق ئۇچۇش مىقدارىنى 200 مىڭ سائەتتىن ئېشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. بەشتىن ئارتۇق ئاممىباپ ئاۋىياتسىيە كەسپى توپلاشقان رايوننى پىلانلاپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئاممىباپ ئاۋىياتسىيەسىدىكى تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال رايونى ياكى كەسىپتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر