باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ئۈچۈن «يېڭى ماكان» قۇرۇپ بەردى

2017.06.22 18:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ بىر بولغان ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك شەرقىي تاغ بېشى (دۇڭشەنتۇ) مەھەللىسى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەھەللىۋى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئاساسىي قىسمى پۈتكەن.

  بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 2 مىليون يۈەن بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ تۈر مەھەللىدىكى ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ئۈچۈن ساقلىقنى ساقلاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇرىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، ياشانغان بويتاقلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بىر قىسىم ياشانغانلار گەرچە تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىسىمۇ، لېكىن مەنىۋىي جەھەتتىن دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشىگە مۇھتاج. نۆۋەتتىكى ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلىشىشى، ئاپپاراتلارنىڭ كۈتۈنۈش بايلىقىنىڭ ئېغىر كەمچىل بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى، يېڭى بىر ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئەندىزىسى __ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەھەللىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر