باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئىختىلاپلاردىن يىراقلاشتى

2017.06.22 18:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئامېرىكا ھەمكارلىقى يېقىندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىختىلاپلاردىن يىراقلاشتى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى سۆزلىشىشى 21-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مېخانىزملىشىش يولىدىكى ئەمەلى ھەمكارلىقى، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشىدىكى مۇھىم تىرىشچانلىقى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ياردەم بېرىپ، يەر شارى مۇقىملىقىدا مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى سۆزلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى سۆزلىشىشى، قانۇنى ئىجرا قىلىش ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆزلىشىشى، ئىجتىمائىي ۋە ئادىمىيەت سۆزلىشىشى قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىنى جاكارلىشى، بۇ يىل 4-ئايدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مارالاگو قۇرۇقلۇقىدا ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان مۇھىم نەتىجە، بۇ نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى سۆزلىشىشىگە قارتا چەتئەل تاراتقۇلىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوڭلاپ بولغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىمەكتە. بۇ خىلدىكى يۈزتۇرانە مۆلچەرلەر يەنە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى دائىملىق سۆزلىشىش ھەمكارلىشىش مېخانىزمى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيلىقىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئىئوۋا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى رۇي شاۋجىيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپلارنىڭ بولۇشى نورمال ئىش، ئاچقۇچ بۇنى ھەل قىلىشتا. ئەگەر ئىختىلاپ كونترول قىلىنمايدىغان بولسا، بۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ مارالاگو قۇرۇقىدا ئۇچراشقاندا ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇ ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىش، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈلگىسى. ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، ھەل قىلىشتىن ئىبارەت رۇي شاۋجىيان مۇراجىئەت بۇ روھى ھالەت، بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ.

  ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتى، سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىش زۆرۈرىيىتى ۋە ئىقتىدارى بار. بۇ تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ئىختىلاپلاردىن يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىشتىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئەربابلار ئالاھىدە ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ دېھقانچىلىق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى قىزغىنلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. مەزكۇر ئىشتاتنىڭ يېزا ئىگىلىك نازىرى بىرنوشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك سودىسى تىز سۈرئەتتە ئاشتى، ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى كۆپلىگەن دېھقانلار تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتتى. مەزكۇر ئىشتات ئېكسپورت قىلىدىغان باقلانىڭ يېرىمى جۇڭگو بازىرىغا يەتكۈزۈلدى. ئىئوۋا ئىشتاتىغا پايدىلىق بولغان جۇڭگو بىلەن بولغان يېزا-ئىگىلىك ھەمكارلىقىغا ئوخشاش بۇنداق مىساللار نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش خاراكتېرىنىڭ رىقابەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىختىلاپلاردىن چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

  شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىلاردىكى ھەمكارلىقى، ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە شۇنداقلا يەر شارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق ئىستراتېگىيەچى بۇرجىسكى ۋاپات بولدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا ئۇنى يات ئېتىدىغان پائالىيەتلەر كۆپ ئۆتكۈزۈلدى. كۆپلىگەن ئالىملار ئۇنى يات ئېتىپ يازغان ماقالىسىدا، بۇرجىسكى يەر شارى نۇقتىسىدىن دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇئامىلە قىلىدىغان ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيەچى ئىدى دېدى. بۈگۈنكى بۇ تارىخىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بىر-بىرىگە باغلانغان دۇنيادا، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئوبيېكتىپ ئىگىلەشتە بىر خىل مەسئۇلىيەتچان بولغان دۇنيا قارشى تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق بولۇپ كۆرۈنمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ نۇقتا ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. ھەمكارلىق ۋە ئىختلاپلارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېنىق ئۆتۈشىدىكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا تەپەككۇر يولىنى يەر شارىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى يۆتكەش-يۆتكىمەسلىككە قارىتىشتەك كونا يولدا ماڭماستىن، نەزىرىنى بىر خىل يېڭىچە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قارىتىپ، بىر پايدىلىق ئورتاق گەۋدە قۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا نۇرغۇن سەۋەب بار، بۇزۇشىغا بىرمۇ سەۋەب يوق. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئارتۇقچە ئارىلىشىشلارنى ئاڭلىق توسسىلا، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا تېخىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر