باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇبا ترامپنىڭ قىسىش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟

2017.06.22 18:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېقىندا مىئامىدا ئامېرىكىنىڭ كۇبانىڭ ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىسىنى قامال قىلىش ۋە سودا ئېمبارگوسى سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەمدە ساياھەت سودا قاتارلىق ساھەلەردە ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى كۇباغا قاراتقان سىياسەتنى بوشىتىش سىياسىتىنى قىسىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودولىگىس ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ كۇباغا قاراتقان يېڭى سىياسىتى بىر خىل چېكىنىش، كۇبا ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىش ئۈستىدە يەنىلا ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ، لېكىن بېسىم ئاستىدا سۆھبەتلەشمەيدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشتا يول قويمايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان قىسىش سىياسىتى كۇبانىڭ ساياھەت قاتارلىق ئىقتىسادى ساھەلىرىگە زەربە بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭ تەسىرى چەكلىك، كەلگۈسىدە بۇرۇلۇش پۇرسىتى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. كۇبا خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىققا قاتنىشىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تاشقى خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ترامپنىڭ كۇباغا قاراتقان يېڭى سىياسىتىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ كۇبا ھەربىي تەرەپ كونترول قىلىۋاتقان كارخانىلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىنى مەنئى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خادىملار ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى نامى بىلەن ئەركىن يۈرۈشكە چەك قويىدۇ. ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر جەزمەن ساياھەت ئۆمىكى بىلەن بىرگە مېڭىشى كېرەك، ئۇلار قاتتىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كۇباغا بېرىپ ساياھەت قىلىش تەستىقىغا ئېرىشىدۇ.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى جو مى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ترامپنىڭ كۇباغا قاراتقان يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۇبانىڭ ساياھەتچىلىكى ئەڭ زور زەربىگە ئۇچرايدىغان ساھە بولۇپ قالىدۇ.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسى ۋە قامال قىلىشىنىڭ تەسىرىدە، كۇبانىڭ ئېكسىپورتى، پېرېۋوت كەسپى بىر قەدەر نوقۇل بولۇپ كەلدى، ساياھەتچىلىك كۇبانىڭ 2-چوڭ تاشقى پېرېۋوت كېلىش مەنبەسى، بۇ كۇبا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە ۋە پوچتا كارخانىلىرى كۇبا بىلەن بولغان قاتناش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كۇبانىڭ ساياھەتچىلىكى يېقىنقى مەزگىلدە تېز تەرەققىي قىلدى.

  جو مى مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ كۇباغا ساياھەتكە بېرىشنى يەنە بىر قېتىم قىسىش سىياسىتى گۈللىنىۋاتقان كۇبا ساياھىتىنى توختىتىپ قويىدۇ.

  ئەمما جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى لاتىن ئامېرىكىسى ئورنى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە كارپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ پېڭ كۇبا ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: تىرامپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى توختاتمىدى، ئامېرىكىنىڭ پوچتا پاراخوتلىرىنىڭ كۇباغا كىرىشىنى چەكلىمىدى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى مېڭىشىغا بىرقەدەر چوڭ بوشلۇق قالدۇردى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىغان ساياھەتچىلىكتىن باشقا تىرامپنىڭ كۇباغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى يەنە مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسى ۋە ماددىي تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەردە كۇباغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ۋە دەرىجىسى بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ.

  جۇ مى مۇنداق دەپ قارىدى: تىرامپنىڭ كۇباغا قىسىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى ھەرگىزمۇ ئىدىئولوگيە جەھەتتىكى سەۋەب ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئەڭ نۇقتىلىق سەۋەب ــ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا، سۆھبەت ئىستراتېگيەسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پارتىيەلەرنىڭ مەنپەئەت، ھوقۇق كۆرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە. نۆۋەتتە ئېنېرگىيە ئېكسپورتى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات ساھەلىرىنىڭ بىرى،شۇڭا كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  كۇبانىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتى كۇبانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى، تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇبانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ــ ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا قويغان چەكلىمىسىدىن قانچىلىك دەرىجىدە قۇتۇلۇشىغا باغلىق.

  ۋاڭ پېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوبامانىڭ توڭنى ئېرىتىش سىياسىتىدىن تىرامپنىڭ قىسىش سىياسىتىگىچە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتى بىر سىزىق شەكىلدە تەرەققىي قىلىپ باقمىدى، كەلگۈسىدىمۇ ئەگرى توقاي بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ماھىيەتلىك ياخشىلىنالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، كۇبا چوقۇم تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشى، خەلقئارا بازارغا سىڭىشىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك، ئامېرىكا ئامىلىنى كونترول قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا، ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مۇھىم بولۇپ قالدى.

  جۇ مى بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۇبا ئىقتىسادىي قېلىپنى يېڭىلاشتا بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما شۇنى ئىقرار قىلىش كېرەككى كۇبانىڭ خەلقئارادىكى ئالاقىسى بازار سودىسى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەس ئاساسلىقى ئىقتىسادى تېخنىكىنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن.

  جۇ مى مۇنداق دەپ قارىدى: كۇبا ئىقتىسادىي قېلىپنى يېڭىلاش قەدىمىنى تېزلىتىشى، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش نەزىرى بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىدىكى ئورنىنى تېپىۋېلىشى، بار ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر