باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يىپەك يولىنىڭ قاتنىشى راۋانلاشماقتا

2017.06.22 18:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۇڭچىڭ سىنگاپور ياۋروپا چوڭ يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان چۇڭچىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتىدە مۇنداق بىر ئالاھىدە دۇنيا خەرىتىسى بار: چۇڭچىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، چۇڭچىڭ سىنگاپور ياۋروپا چوڭ يولى غەربتە ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئۆتۈپ، گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبورگقا تۇتۇشىدۇ، يەنە بىر يول چۇڭچىڭدىن جەنۇبقا ئۇزىراپ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ سىنگاپورغا تۇتۇشىدۇ.

  چۇڭچىڭدىن سىنگاپورغا تۇتىشىدىغان بۇ چوڭ يول يېقىندا تۇتاشتۇرۇلغان چۇڭچىڭ گۇاڭشى سىنگاپور خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسىپورت چوڭ يولى. خەرىتىدىن قارىغاندا، چۇڭچىڭ گۇاڭشى سىنگاپور خەلقئارا بىرلەشمە ترانسىپورت چوڭ يولى چۇڭچىڭ سىنگاپور ياۋروپا چوڭ يولى بىلەن بىر ئەگمە سىزىق ھاسىل قىلغان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىلەن 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چۇڭچىڭ گۇاڭشى سىنگاپور خەلقئارا بىرلەشمە تراسنپورت چوڭ يولى چۇڭچىڭدىن باشلىنىدىكەن، تۆمۈر يول تىرانسپورتىدىن پايدىلىنىدىكەن، گۇيياڭ، نەننىڭدىن گۇاڭشىدىكى بېيبۇ قولتۇقىغىچە، يەنە دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق سىنگاپور ھەمدە يەر شارىغىچە تۇتۇشىدىكەن، بۇنى ئىلگىرىكى چۇڭچىڭ شاڭخەي سىنگاپور جياڭخەي بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 20 كۈندىن ئارتۇق تىرانسپورت ۋاقتى قىسقىرايدىكەن، بۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى ماللارنى سىرتقا چىقىرىشتىكى تېز يېڭى يول بولۇپ قالىدىكەن.

  بۈگۈنكى كۈندە بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىدىكى كوچا دوقمۇشى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ مۇھىم سودا ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ قالدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

  لائوس جۇڭگو ئىقتىساد سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ دۇڭلۇن مۇنداق دېدى: غەربتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى جۇڭگونىڭ ئەڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە رايونى. مال ئوبوروت چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ غەربى جەنۇبىدىكى 250 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ بازاردىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى چۇڭچىڭنى مال ئوبوروت تۈگىنى قىلىپ، چۇڭچىڭ گۇاڭشى سىنگاپور خەلقئارا بىرلەشمە ترانسىپورت چوڭ يولى بىلەن چۇڭچىڭ سىنگاپور ياۋروپا چوڭ يولىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر