باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك مەركەز كۈزىتىش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.06.23 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن كەچتە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 12-قېتىمدا كۈزەتكەن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 15 ئالىي مەكتەپنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ قېتىملىق كۈزىتىش قايتما ئىنكاسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. بۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز كۈزىتىشىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، يەرلىك، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى، مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى كۈزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىلىپ، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە مەركەزنىڭ كۈزىتىشى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كونكرېت تەدبىرنى تەھلىل قىلغاندا، مەركەز «بۆلەكلەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ ھەرىكەتلىنىش» نى تەدرىجى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، مەركەز دەرىجىلىك كۈزىتىش ئوبيېكىتلىرىنى يەرلىك، تارماق، مەركەز كارخانىسى، پۇل مۇئامىلە ۋە كەسپىي ئورۇندىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈپ، بۆلەكمۇ بۆلەك قاپلىدى؛ 1-باسقۇچ: 1-قېتىمدىن 4-قېتىمغىچە كۈزىتىش بولۇپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2-باسقۇچ: 5-قېتىمدىن 8-قېتىمغىچە كۈزىتىش بولۇپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 3-باسقۇچ: 9-قېتىمدىن 11-قېتىمغىچە كۈزىتىش بولۇپ، مەركەز تارماقلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 4-باسقۇچ: 12-قېتىملىق كۈزىتىش بولۇپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەركەزنىڭ كۈزىتىشىدە تۇنجى قېتىم تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك كۈزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشمۇ ئۆز قەرەلىدە ئورۇندالدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتكوملار 8362 يەرلىك، تارماق، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، بۇ نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە كۈزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. جايلار يەنە شەھەر، ناھىيەلەرنى كۈزىتىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ھازىرغىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كۈزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بىردەك ئورۇنلاشتۇردى، 335 شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، 2220 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) پارتكومىدا كۈزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، جەمئىي 88 مىڭ كۈزىتىش ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، «توغرا يۆنىلىشلىك تولۇق قاپلاش، تىك يۆنىلىشلىك تولۇق ئۇلىنىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش» تەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر