باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جايلاردىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2017.06.23 16:21   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جايلاردىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  سۈرەتتە: 16-ماي، ئىشچىلار خوتەن شەھىرى «بېيجىڭ سانائەت باغچىسى»غا جايلاشقان شىنجاڭ جىنخې توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەخسۇس چېدىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش سېخىدا ئىشلىمەكتە. جىنخې شىركىتى بېيجىڭنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى ئىچىدىكى شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەت شۇ جايدىكى 2000 غا يېقىن كىشىنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن 14-شىسىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان بولۇپ بېكىتىلگەن 2013-يىلىدىن بۇيان، بېيجىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە 10 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 832 تۈرنى يولغا قويدى. «خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» تۈرى بويىچە 162 مىڭ ئۆيلۈككە ياردەم قىلدى؛ «كەپىلىك مەھەللىلەر، شەھەر-يېزا تۇرالغۇسىنى ئۆزگەرتىش» تۈرىدىن 3103 ئۆينى ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىدىن سېلىپ تاماملىدى؛ خەلقنى ھەقىقىي ئەمىن تاپقۇزۇپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، 50 يېزا مەكتىپىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاپ، 82 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى؛ شەھەر-بازار سۇ پونكىتىدىن تۆتنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق 300 مىڭ كىشىنىڭ پاكىز سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ ياردەم قىلىنىۋاتقان رايونلارغا بولغان سودىگەر چاقىرىش، خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بۇ جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيە (شەھەر)، بىڭتۈەن 14-شىسىدىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرگە دۆلىتىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ