باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى

ئۇنۋان باھالىشىدا چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىقتىدارى ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ

2017.06.23 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنۋان باھالاش جەريانىدا، نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن؛ كەسىپچانلىقى، تېخنىكىسى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتلەر ئۇنۋان باھالاش يۆنىلىشى قىلىنىدىكەن؛ ئۇنۋاننىڭ چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر قوللىنىش ئىقتىدارىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلغاندا، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر قوللىنىش ئىقتىدار ئىمتىھانىنى بېرىش تەلەپ قىلىنمايدىكەن. ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلغاندا، ھەر قايسى سىستېمىلار (كەسىپلەر) بويىچە ئۇنۋان خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بېرىشنى تەلەپ قىلمىسىلا، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر قوللىنىش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانىنى بەرمىسىمۇ بولىدىكەن. ناۋادا چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر قوللىنىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى باھالاش زۆرۈر بولغىدەك بولسا، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ياكى جەمئىيەتتە ئېتىراپ قىلىنىدىغان چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھانى دەرىجە كىنىشكىسىنى ئالاقىدار ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلەتسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر