باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن جۇڭگو زەھەر چەكلەش مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا زەھەرنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىمەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك، دېدى

2017.06.27 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، «ساغلام ۋە زەھەرسىز يېشىل ھايات» ئاساسىي تېما قىلىنغان 2017-يىللىق جۇڭگو زەھەر چەكلەش مۇنبىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، بولۇپمۇ زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلام ھاياتلىق ئەقىدىسى ۋە زەھەرسىز تۇرمۇشقا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، زەھەرنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  گو شېڭكۈن مۇنداق دېدى: ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار زىچ ماسلىشىپ ۋە بىرىكمە جەڭ قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تەرتىپلىك زەھەر چەكلەش خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ماسلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئوڭشاش ئىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، زەھەر چەكلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، زەھەر چەكلەش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  نۆۋەتتىكى زەھەر جىنايىتى يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشىنى زىچ چۆرىدەپ، زەھەر چەكلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىنى بۆسۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەھەر چەكلەش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ زەھەر چەكلەش پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر