باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.06.23 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇن ئېچىلغان مەملىكەتلىك «ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت»نى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش 9-ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شەھەر-بازارلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلار شەھەر-يېزا، رايونلار ئارىسىدا تېز يۆتكىلىپ، باشقا جايدا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىش، باشقا جايدا خىزمەت قىلىش تېخىمۇ ئومۇملاشتى، لېكىن داۋالاش بايلىقىنىڭ تارقىلىشىنىڭ تەكشىسىزلىكى، ئاممىنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ئېھتىياجىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەشتى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: جايلار بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى بۇ يىللىق نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان ۋەزىپە قىلىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىغا تېز ئۇلاپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ۋەزىپە-نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاساسىي تېرەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا تۆلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەممىباب كارتىسىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر