خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26- كۈنى، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا «گۈللىنىش» ناملىق G123 قېتىملىق تېز پويىز يولغا چىقىشنى كۈتمەكتە.
شۇ كۈنى، جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىز بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىدىن قوش لىنىيەدە يولغا چىقىپ، ئايرىم-ئايرىم G123 ۋە G124 قېتىملىق تېز پويىز بولدى.
«گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىزنى جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى